يېراپېترىتىس: تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس «سكاي تېلېۋىزىيەسى»نىڭ گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2085248
يېراپېترىتىس: تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس «سكاي تېلېۋىزىيەسى»نىڭ گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گىرېتسىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يېراپېترىتىس، ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى، سىياسىتى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ ئامېرىكاغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئىزچىل ئارزۇ قىلغىنىمىز، بىر مۇداپىئە ئىتتىپاقى، بولۇپمۇ ناتو رامكىسى ئىچىدە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش. بىر دۆلەتكە بېرىلگەن ھەر قانداق بىر قورالنى ئىتتىپاقداش بىر دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دېدى.

گىرېتسىيەگە نسىبەتەن «لوزان شەرتنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان  يېراپېترىتىس: «خەلقئارا قانۇن چېگرانى بەلگىلەيدىغان ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ تۈزىتىلىشىگە يول قويمايدۇ» دېدى.

ئۇ يېقىنقى ئايلاردا تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ دىيالوگ ئورنىتىش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى شارائىتىدا سۆھبەتلىشىپ، كۆز قارىشىمىزنى ئىپادىلىيەلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ھەر بىر گىرېتسىيە پۇقراسى تىنچ ياشاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن گىرېتسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن يېراپېترىتىس، تۈركىيەنىڭ يەنە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىس مەزگىلىدىكى قوراللىنىش پىروگراممىسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان يېراپېترىتىس، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىزىستىن كېيىن بۇ بوشلۇقنى تولۇقلاشقا تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزدە ئۇرۇش ياكى دۈشمەنلىشىش خاھىشى يوق، بىز ئەزەلدىن كەڭ قورساق خەلق، تىنچ ياشاشنى خالايمىز، ئەمما بىخەتەرلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشنىمۇ خالايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر