ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ تۇغقانلىرى قاتار باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى ھاماسنىڭ قولىدىكى بىر قىسىم ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2085280
ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ تۇغقانلىرى قاتار باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
israilli esirlerin aileleri gosteri.jpg
katar basbakani al sani.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قاتار باش مىنىستىرى ئال سانى ھاماس بىلەن تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قاتارغا بارغان ئىسرائىلىيەلىك ئالتە ئەسىرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئال سانى سۆھبەت جەريانىدا، 2 – يانۋار لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ھاماس رەھبىرى سالىھ ئەلئارۇرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ قىيىنلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە 92 كۈندىن بۇيان قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ تۇغقانلىرى تېل ئاۋىۋ ۋە قۇددۇستا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھاماس بىلەن بالدۇرراق ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.

مەھبۇسلارنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسىرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ھۆكۈمەتنى «ئەسىرلەرگە كۆڭۈل بۆلمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس قىممەتلەرنى ئىزچىل ھالدا ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكنى ئەسىر ئالغانىدى.

قاتارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشلارنى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۆت كۈن توختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمى 24-نويابىر (2023) جۈمە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 7.00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، ئارقىدىن يەنە ئۈچ كۈن ئۇزارتىلغانىدى.

ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە، غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 81 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بىلەن ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 240 پەلەستىنلىك ئەسىر قويۇپ بېرىلگەنىدى.

ھاماسنىڭ قولىدا يەنە 130 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر