ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىدە قىلغان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 15 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىدە غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە ئېلىپ بارغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 15 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2085053
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىدە قىلغان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 15 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA>  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەير ئەل-بەلاھ ۋە جەنۇبتىكى خان يۇنىس شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەل-مانارا مەھەللىسىدە پۇقرالار تۇرۇشلۇق 2 ئۆيگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 15 پەلەستىنلىك قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، دەير ئەل بەلاھتىكى ئاقسا شېھىتلىرى دوختۇرخانىسى مەنبەلىرى جۈمە كۈنى ئەتىگەندىن يېرىم كېچىگىچە دوختۇرخانىغا 35 شېھىت ۋە 60 دىن ئارتۇق يارىدار ئېلىپ كېلىنگەنلكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 9 مىڭ 730 كىچىك بالا ۋە 6 مىڭ 830 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 22 مىڭ 600 پەلەستىنلىك ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. يەنە مىڭلىغان ئۆلۈكلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا ئىكەنلىكى، خەلق پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا، نابلۇس، بەيتلەھەم، سېلىت ۋە قۇددۇستىمۇ كېچىدە بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كەم دېگەندە 3 ياشنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر