ئىراندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ كېرمان شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

2084573
ئىراندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يېقىن تېلېگرامما ئادرېسلىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «كېرماندىكى قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبىرىسىگە يېقىن جايدا ئىككى ئادەم بومبىنىڭ ئۆلۈك ۋە يارىدار بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەمگە زەربە بەرگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىران مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىدە، بىرىنچى پارتلاشنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر ئەر ئادەم بومبا تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى، ئىككىنچى پارتلاشنىمۇ بىر ئادەم بومبىنىڭ ساددىر قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكا تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرىنىڭ سابىق قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەسنادا (2024- يىل 3- يانۋار چارشەنبە) ئىككى ئايرىم پارتلاش يۈز بېرىپ، 84 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 284 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر