ھاماس ب د ت قاتارلىق ئورگانلارنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى «ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا چاقىردى.

2084857
ھاماس ب د ت قاتارلىق ئورگانلارنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «شەرقىي قۇددۇستا ۋە 1948 – يىلى ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنى ئۆي-ماكان ۋە يۇرت – مەھەللىلىرىدىن مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىش»نى مەزمۇن قىلغان ئىرقچى قارارىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

بۇ قەدەمنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش جىنايىتى سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رەھبەرلىرىنىڭ خەلق، زېمىن ۋە مۇقەددەس جايلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ فېۋرال ئېيىدا چىقىرىلغان پۇقرالىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە پۇقراسى يۈزلەرچە ئەرەب بىلەن شەرقىي قۇددۇستا «مەڭگۈلۈك تۇرۇش» سالاھىيىتىگە ئىگە يۈزلىگەن پەلەستىنلىكلەرنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا سۈرگۈن قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر