ئىراندا ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراننىڭ كېرمان ئۆلكىسىدىكى قاسىم سولايمانىنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2083821
ئىراندا ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قارمىقىدىكى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ 2020 – يىلى 3 – يانۋار ئامېرىكانىڭ باغدادتىكى ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ تۆتىنچى خاتىرە يىلى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن يولدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تەخمىنەن 10 مىنۇت ئارىلىق قالدۇرۇپ يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 73 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 170 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى پارتلاشلار تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبرىسى جايلاشقان كىرماندا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە  ھەر يىلى ئىراننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان كىشى قاتنىشىدۇ.

قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبرىسى جايلاشقان كىرماندىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە  ھەر يىلى ئىراننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان كىشى قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر