ئانتونى بلىنكېن ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2083538
ئانتونى بلىنكېن ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بلىنكېن بىلەن تاجانى غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئىككى مىنىستىر يەنە، 2022-يىلى 24 – فېۋرالدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلاشقان.  

ئىتالىيە 2024-يىلى گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھۇنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.

سۆھبەتتە ئىككى مىنىستىر دۇنياۋى خىرىسلارنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا ۋەدەلەشكەن ھەمدە يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ مەنپەئەتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرىنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەن.

بلىنكېن بىلەن تاجانى ھايتىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دېموكراتىيەگە قايتىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش مەقسىتىدە ھايتى ئۈچۈن كۆپ دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ياردەم ئەترىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر