خۇسىيلار قىزىل دېڭىزغا 2 دانە پاراخوت سوقار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئىران قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزغا 2 دانە پاراخوت سوقار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2083554
خۇسىيلار قىزىل دېڭىزغا 2 دانە پاراخوت سوقار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM)  نىڭ X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ يەمەندە كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايوندىن قىزىل دېڭىزغا 2 دانە پاراخوت سوقار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ رايوندىكى سودا پاراخوتلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەسىرىنى دوكلات قىلغانلىقى، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر نەچچە ئونلىغان بىگۇناھ دېڭىزچىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتە ۋە خەلقئارا سودىنىڭ ئەركىن ئېقىشىنى ئۈزۈپ قويماقتا. بۇ 19 – نويابىردىن بۇيان جەنۇبىي قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان 24-قېتىملىق ھۇجۇم بولدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر