ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ئىشىكاۋا ۋىلايىتى ۋە بۇ رايوندىكى نوتو يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30غا يەتتى.
2083062
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن نوتو يېرىم ئارىلى ۋە غەربتىكى ئىشىكاۋا دېڭىز قىرغىقىدا كۈچى 5 بالدىن 7 بالغىچە بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرىگەنلىكىنى، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ ئىشكاۋا دېڭىز قىرغىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جايلاردا بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.