دۇنيا نوپۇسى 8 مىليارد 73 مىليوندىن ئاشتى

گېرمانىيەدىكى دۇنيا نوپۇس فوندى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2023-يىلى تەخمىنەن 66 مىليون ئادەم ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2083023
دۇنيا نوپۇسى 8 مىليارد 73 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈركچە خەۋىرىگە قارىغاندا، 2024-يىلىنىڭ بېشىدا دۇنيا نوپۇسى 8 مىليارد 73 مىليون 859 مىڭ 407 گە يەتكەن.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ قارىشىچە، ئافرىقادىكى يۈزلىنىش باشقىچە يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، 2080-يىلىغا بارغاندا، ئافرىقا نوپۇسى بىر قاتلىنىپ، 2 مىليارد 500 مىليونغا يېتىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئافرىقادىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدە جىنسىي تەربىيەنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، تۇغۇتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ قىيىنلىقى ۋە جىنسىي باراۋەرلىكنىڭ بولماسلىقى ئاساسىي سەۋەب ھېسابلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «سەلبىي» ئەھۋاللار ئاياللارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا كۆپ بالىلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر