گوللاندىيە: رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك

گوللاندىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مارتىن ۋىژنېن: «رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.

2082116
گوللاندىيە: رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مارتىن ۋىژنېن گوللاندىيەدە چىقىدىغان «De Telegraaf» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ گوللاندىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: « بۇ ھەممە ئادەم ھەربىي قالپاق كىيىشنى باشلايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما گوللاندىيە رۇسىيەگە چېگرالىنىدىغان ۋە خەلقىنىڭ ئۇرۇشقا پەۋقۇلئاددە تەييارلىقى بولغان شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ھەمدە بالتىق دۆلەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇڭا، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. گوللاندىيە ئىشلار تەتۈر بوپ كەتكەن ئەھۋالدا خەلقنىڭ تەييار بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ گوللاندىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ 1500 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەكىلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە چۈشىنىدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ كۈچلۈك ئارمىيە» دېدى.

ئۇ بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى خادىم يېتەرسىزلىكىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مارتىن ۋىژنېن 2021-يىلدىن تارتىپ گوللاندىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، 1-يانۋار (2024) خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر