ئانتونىيو گۇتېررېس: «بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يۇقۇمغا تەييار ئەمەسمىز»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس 19-كوۋىد يۇقۇمىدىن كېرەكلىك ساۋاقلارنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يۇقۇمغا تەييار ئەمەسمىز» دېدى.

2081762
ئانتونىيو گۇتېررېس: «بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يۇقۇمغا تەييار ئەمەسمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس: «خەلقئارا يۇقۇمغا تەييارلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

گۇتېررېس 19-كوۋىد غا ئەمدىلىكتە خەلقئارا سەھىيە ساھەسىدە ئىلگىرىكىدەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما 19-كوۋىد نىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گۇتېررېس نۇرغۇنلىغان سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئېغىر خىرىسلارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تېخىچە ۋاكسىناغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇتېررېس: «كېيىن يەنە يۇقۇم كۆرۈلگەندە بىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلالىشىمىز لازىم. ئەمما، بىز بۇنىڭدىن كېينكى يۇقۇمغا تەييار ئەمەسمىز» دېدى ۋە 19-كوۋىد يۇقۇمىدىن كېرەكلىك ساۋاقلارنى ئېلىش ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گۇتېررېس دۇنيادىكى ۋىرۇسلارنى كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇش، سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارالىق ساغلاملىق كاپالىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ،  باي دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانلىرى بىلەن داۋالاشنى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ۋە پەرۋاسىزلارچە كۈتۈش خاھىشىدىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 2020 - يىلى 27 - دېكابىردا 19-كوۋىد يۇقۇمىدىن كېرەكلىك ساۋاقلارنى ئېلىش ۋە كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يۇقۇملارغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان ئىدى.

بۇ قارارغا ئاساسەن 27  - دېكابىر «خەلقئارا يۇقۇمغا تەييارلىق قىلىش كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر