ھاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى ئىسىرائىلىيە ئىچكى ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈلگەن

ئىسىرائىلىيە «12-قانال» تېلېۋىزىيەسى ھاماسنىڭ يوم كىپپۇر بايرىمىدىن كېيىن ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى «ئېنىق ئۇچۇرلار» نىڭ ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى شىن بېت (شاباق) كە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن ئىلگىرى يەتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2081843
ھاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى ئىسىرائىلىيە ئىچكى ئىستىخباراتىغا يەتكۈزۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە «12-قانال» تېلېۋىزىيەسى ھاماسنىڭ ئۆكتەبىر (2023) نىڭ باشلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك «ئېنىق ئۇچۇرلار» نىڭ ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى شىن بېتكە ياز ئايلىرىدىلا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شىن بېتكە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردا ھاماسنىڭ 24-25-سېنتەبىردىكى يوم كىپپۇر بايرىمىدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە چوڭ ھەرىكەت پىلانلاۋاتقانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما ھۇجۇم ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈلمىگەنلىكى بايان قىلىندى.

شىن بېت مەسئۇللىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توغرىلايدىغان ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىن بېتنىڭ «12-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھازىر دىققىتىمىزنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈۋاتىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، شىن بېتنىڭ تەكشۈرۈشكە ۋە ساۋاق ئېلىشقا پايدىلىق كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى توپلاشقا تەييار ئىكەنلىكى؛ بۇ سەۋەبتىن قولىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، 21 مىڭ 100دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر