گوللاندىيەدە ئۆسمۈرلەر  پەلەستىننى قوللاش يۈرۈشى ئېلىپ باردى

گوللاندىيەنىڭ مەمۇرىي پايتەختى لاھېيدە كىچىك بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پەلەستىننى قوللاپ، غەززەدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىناسىغىچە يۈرۈش قىلدى.

2081684
گوللاندىيەدە ئۆسمۈرلەر  پەلەستىننى قوللاش يۈرۈشى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاھېي پويىز ئىستانسىسىغا يىغىلغان نامايىشچىلار «بالىلار يۈرۈشى» دەپ نام بېرىلگەن پائالىيەتتە، «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋەزىپەڭنى ئادا قىل!» ، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «دەريادىن دېڭىزغىچە پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» ۋە «ئەمدى ئۇرۇش توختىتىلىشى كېرەك!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا «ئۆلتۈرۈلگەن 9 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆسمۈر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز!»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىڭلار!»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!»، «پەلەستىنلىك بالىلارنى قوغداڭلار!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا ۋە پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر