بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو يادرو قوراللىرىنى رۇسىيەدىن بېلارۇسىيەگە يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2081447
بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇكاشېنكو رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربورگ شەھىرىدە بېلارۇسىيەگە توشۇلغان رۇسىيە يادرو قوراللىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ دۆلىتىگە يادرو قوراللىرىنى توشۇش مۇساپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بايان قىلىپ: «توشۇش ئاللىقاچان سېنتەبىر ياكى ئۆكتەبىردە تاماملاندى. ئەڭ ئاخىرقى توشۇش ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەممە ئىشلار جايىدا، ياخشى ئەھۋالدا» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مارتتا بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان؛ بۇرۇن بېلارۇسىيەگە تاپشۇرۇلغان «ئىسكەندەر» ناملىق يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىغا بۇ قوراللارنىڭ سەپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېكتور خرېنېن مايدا «رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو قوراللىرىنى بېلارۇسىيەدىكى ئىسكىلاتلاردا ساقلاش» توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر