ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قاتناش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتتى

ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان شىركەتلىرى يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان شىئە خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن سودا پاراخوتلىرىغا يېقىندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىشنى باشلىشىدىن كېيىن، قاتناش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتتى.

2080369
ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قاتناش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئاق دېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان ۋە يەر شارى سودىسىنىڭ %12 ىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان سۇۋەيىش قانىلىدىن پاراخوتلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئېغىر خەۋپ ياراتماقتا.

ياپونىيە دۆلەتلىك رادىيو- تېلېۋېزىيە ئىدارىسى «NHK»  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «نىپپون يۇسېن» ۋە «مىتسۇي OSK لىنىيەسى» شىركەتلىرى ياۋروپاغا بارىدىغان تىرانسىپورت پاراخوتلىرىنىڭ يولىنى ئۆزگەرتكەن.

خەۋەردە، بۇ لىنىيە ئۆزگىرىشىنىڭ «خۇسىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق تىرانسپورتلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئېھتىماللىقى» سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە پاراخوتلارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئۈمىد تومشۇقى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەتلىك تاراتقۇلاردا كاۋاساكى كىسېن كەيشا (K لىنيەسى) ۋە ئوكيان تورى تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭمۇ خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

يېڭى لىنيەلەرنىڭ مال يەتكۈزۈشتە كېچىكىشلەرنى ۋە قاتناش تەننەرخىنىڭمۇ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، دۇنيا ئىقتىسادىدا «تەمىنلەش زەنجىرى كرىزىسى» غا سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر