بەششار ئەسەد  قىسىملىرى ھەلەبتە بىر پۇقرا ئۆلتۈرۈپ ئىككى پۇقرانى يارىدار قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى تەرىپىدىن ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى كەفەرتال يېزىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى.

2080104
بەششار ئەسەد  قىسىملىرى ھەلەبتە بىر پۇقرا ئۆلتۈرۈپ ئىككى پۇقرانى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبنىڭ بىسارتون يېزىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىرلىكتە ھەلەبنىڭ غەربىدىكى كەفەرتال يېزىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا ئىراندا ئىشلەپچىقىرىلغان  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلدى.

خەلق مۇداپىئە مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا بىر پۇقرا قازا قىلىپ ئىككى پۇقرا يارىلانغان. يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر