ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىرلىكتە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ 17 – ۋە 18 - دېكابىردا ياپونىيە دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) غا قارىتىپ ئوخشىمىغان ئىككى خىل بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

2079276
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىرلىكتە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىناقلىرى ھەققىدە  بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «ئىغۋاگەرچىلىكلەر» نىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا رايون خاراكتېرلىك شۇنداقلا خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە 17 – ۋە 18 - دېكابىردا شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېيىلدى.  

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىگە دائىر چاقىرىق تەكرارلاندى ۋە پىيوڭياڭنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ بىلدۈرىشىچە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئۆزى قاتناشقان بىر پائالىيەتتىكى سۆزىدە، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مەسلىسى ئۈستىدە توختالغان.

كىم جوڭئۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ، «ئەگەر دۈشمەن يادرو قورالى ئارقىلىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان تەقدىردە، يادرو ھۇجۇمى قوزغاشتىن ئىككىلەنمەيدىغانلىقى» نى كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر