خىتايدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 6.2 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 131 گە چىقتى.

2079224
خىتايدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا ئاساسلانغاندا، گەنسۇ ئۆلكىسىدە 113، چىڭخەي ئۆلكىسىدە 18 كىشى ئۆلگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى 18-دېكابىر يېرىم كېچىدە تەۋرەش مەركىزى جىشىشەن باۋئەن دوڭشىياڭ ۋە سالار ئاپتونوم ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىككى ئۆلكىنىڭ چېگراسىغا يېقىن رايوندا يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۆيلەر يىقىلىپ چۈشكەن، سۇ، ئېلېكتر، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىغان.

يەر تەۋرەشتە مىڭدىن ائرتۇق كىشى يارىلانغان بولۇپ، 87 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

رايوندا ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 0 دىن تۆۋەن گىرادۇسقىچە چۈشۈشىنىڭ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر