بلىنكېن ئامېرىكانىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، «مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى  قۇرۇش» ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

2079210
بلىنكېن ئامېرىكانىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بلىنكېن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىن كولوننا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

بلىنكېن سۆھبەتتە، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى بالدۇرراق يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ۋە رايوندىكى جىددىيلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكانىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن ئانتونى بلىنكېن، قىزىل دېڭىزدا ھۇسىيلارنىڭ پاراخوتلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلغان.  

سۆھبەتتە مىنىستىرلار يەنە، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر