ئامېرىكا ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شەرقىي قۇددۇستا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتوگراف مۇخبىرى مۇستاپا ھارۇفقا ھۇجۇم قىلغان ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2078299
ئامېرىكا ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر (Matthew Miller) كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىشى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتوگراف مۇخبىرى مۇستاپا ھارۇفنىڭ شەرقىي قۇددۇستا ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى كۆردۈم. بىر مۇخبىرغا زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش سەۋەبلىك كىشىنى بىئارام قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەردىن ئەندىشە ھېس قىلدىم. ۋىدېئونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى توغرا دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ فوتوگراف مۇخبىرى مۇستاپا ھارۇف ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئۇرغان ئىدى. شىددەتلىك تاياق زەربىسى سەۋەبىدىن بەدىنىنىڭ ئوخشىمغان جايلىرى يارىلانغان مۇستاپا ھارۇف، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن شەرقىي قۇددۇستىكى ماكاسىد دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى مۇستاپا ھارۇفنىڭ يېنىدىكى كامېراچى فائىز ئەبۇنىمۇ ئۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر