ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا خەلقئارا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى خەلقئارالىق پاراخوتلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارالىق ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2078365
ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا خەلقئارا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئەركىن سودا پائالىيەتلىرىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋە بىگۇناھ ماتروسلارنى خەتەرگە ئىتتىرىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا مىقياسىدا بىر تەلەپنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئوستىن: «شۇڭا، بۈگۈن مەن <گۈللىنىش قوغدىغۇچىلىرى ئىتتىپاقى> قۇرغانلىقىمىزنى جاكارلايمەن. بۇ بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن 153-ئەترەتنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قىزىل دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قويدايغان دۆلەت ھالقىغان بىخەتەرلىك ئىتتىپاقىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىتتىپاقتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، بەھرەين، كانادا، ئىتالىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، سېيشېل ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر