ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى غەززە مەسىلىسىدە يەنە پۈتۈشەلمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى 3 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىمۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى.

2077309
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى غەززە مەسىلىسىدە يەنە پۈتۈشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلىز مىشېل، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان 2 كۈنلۈك ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىشېل يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم قارالمىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بەزىلىرى <ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش> چاقىرىقىدا بولۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلىرى <ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى> ھاسىل قىلىنىش چاقىرىقىدا بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئەمما ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم مەسىلىسىدە بارلىق دۆلەتلەر بىردەك قاراشقا ئىگە.»

شۇنداق قىلىپ،  ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى 3 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىمۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيچىلىك داۋامىدا، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 18 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر