سۇللىۋان نېتاياھۇ ۋە گاللانت بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋا گاللانت بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

2076981
سۇللىۋان نېتاياھۇ ۋە گاللانت بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىسىرائىلىيەگە يېتىپ باردى.

ئۇ دەسلەپتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززە ۋە لىۋان چېگراسىدىكى توقۇنۇشلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

مىنىستىر گاللانت كۆرۈشۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە «شەرتسىز قوللىغانلىقى» ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

سۇللىۋان ئارقىدىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى.

ئىسىرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خانېگبى، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كوردىناتورى برېت م ج گۇرك قاتارلىقلارمۇ كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.

سۇللىۋان بىلەن نېتانياھۇنىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش كابېنتىنىڭ كەڭ دائىرىدە يىغىن ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

سۇللىۋان راماللاھتا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر