كىربى: تۈركىيەگە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشنى قوللايمىز

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مۇدىرى جون كىربى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

2076938
كىربى: تۈركىيەگە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىربى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززە رايوننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى، شۇنداقلا شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كىربى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ <F-16> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر