ئىران: ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا ئىتتىپاقداش كۈچ تۇرغۇزسا، پەۋقۇلئاددە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد رىزا ئاشتىيانى، ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا يەمەن ھۇسىيلىرىغا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قۇرغان تەقدىردە، «پەۋقۇلئاددە مەسىلىلەر» گە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2076732
ئىران: ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا ئىتتىپاقداش كۈچ تۇرغۇزسا، پەۋقۇلئاددە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد رىزا ئاشتىيانى ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ <ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدا خەلقئارالىق بىرلەشمە قۇرۇش پىلانى> توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

رايوننىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ توقۇنۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاشتىيانى: «ئەگەر (ئامېرىكا) بۇنداق ئەخمەقلىقنى قىلىپ قالسا، پەۋقۇلئاددە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ... بۇ رايوندا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، ئەمما بۇ بىزنىڭ رايونىمىز. بۇ يەردە بىز (رايون دۆلەتلىرى) ھۆكۈم سۈرۈۋاتىمىز. ھېچكىم بۇ رايوندا خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، ۋاشىنگىتوننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن قىزىل دېڭىزدا دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتىگۈچى قىسىملار قوماندانلىقى قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر