سۇللىۋان ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان 14 – 15 – دېكابىر كۈنلىرى ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن، ھەمدە زىيارىتى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى تۈپەيلى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەلىرى كۆپىيىۋاتقان ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيە بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسرائىلىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى داۋامىدا، سۇللىۋاننىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسرائىلىيە تەرەپكە يەتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈن (13-دېكابىر) ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنى «قالايمىقان بومباردىمان قىلىشى» سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ قوللىشىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ كىرىزىسقا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.