لاپىد: نېتانياھۇ دۇنيانىڭ ۋە خەلقنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئىسرائىلىيەلىك ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يايىر لاپىد باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «خەلقنىڭ كۆپ سانلىقى ۋە دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر باش مىنىستىر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2075673
لاپىد: نېتانياھۇ دۇنيانىڭ ۋە خەلقنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تېلېۋىزىيەسى — كېنسېت، يايىر لاپىدنىڭ پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىندا قىلغان بېنيامىن نېتانياھۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى تارقاتتى.

ئۇ: «بىزنىڭ دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بىر باش مىنىستىرىمىز بار» دېدى ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياھۇنىڭ خەلقنىڭ كۆپ سانلىقى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يايىر لاپىد ئۆتكەن ئاي (2023-يىلى نويابىر) بايانات ئېلان قىلىپ، نېتانياھۇنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا يەنە ئۇنىڭ پارتىيەسى — لىكۇدتىن بىرىنى تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەلىيكلەرنىڭ پەقەت %27 ىلا نېتانياھۇنى باش مىنىستىرلىق ئورنىغا ماس كېلىدۇ، دەپ قارايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر