سېربىيەدە چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، تەخمىنەن 200  كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

2074806
سېربىيەدە چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پەلەستىن خەلقىنى قوللاش - سېربىيە» تەشەببۇسىنىڭ ئەزالىرى بېلگراد ساقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن رۇخسەت قىلمىغانلىقىغا قارىماستىن ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

نامايىشچىلار پەلەستىن ۋە سېربىيە بايراقلىرىنى چىقىرىپ، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

پەلەستىننى قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش نامايىشىغا قاتناشقانلار «غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىڭلار!» ، «ئىشغالىيەتنى توختىتىڭلار!»، «ئىسرائىلىيە كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ»، «كىچك بالىلارنى بومباردىمان قىلىش، قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ئەمەس»، «دەرھال ئۇرۇش توختىتىڭلار!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.

نامايىشچىلار يەنە، ئەنگلىيەنىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىغا يۈرۈش قىلدى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7- ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە  قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، 17 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر