خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە غەززەدە «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ۋېتو قىلىندى.

2074537
خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكاغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىدىن 13 ى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن قارار لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ۋېتو قىلىنىشىغا خەلقئارا جەمئىيەت قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

شىۋېيتسارىيە بىلەن سلوۋېنىيە قارار لايىھەسىنىڭ ۋېتو قىلىنىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مالتانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنى ھېچكىم ياخشى دېيەلمەيدۇ، دەرۋەقە، غەززەدە بالايىئاپەت يۈز بەرمەكتە. شۇڭا، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.»

خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» تېمىسىدا ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئەنگلىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى قوللىماي، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىنى تەنقىد قىلدى.

ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

 «قارار لايىھەسىنى قوللىماي ئاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن، ئەنگلىيەمۇ  غەززەدىكى بالىلارنى قىرغىن قىلغۇچىلارنىڭ شېرىكىدۇر.»

«ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ۋە ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم غەززەدىكى بالىلاردىن يۈز ئۆرىدى.»

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر، قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى:

«بۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بىر كۈن، بۇنى رەت قىلىمىز، بىز بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن بارلىق قانۇنلۇق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلىرىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش» مەقسىتىدە، ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە دېگەندە 7 مىڭ 112 بالا ۋە 4 مىڭ 885 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 مىڭ 487 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، مىڭلارچە كىشىنىڭ جەسەتلىرى خارابىلىك ئاستىدا قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر