ئوستىن ئىسىرائىلىيەنى غەززەدىكى پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2074154
ئوستىن ئىسىرائىلىيەنى غەززەدىكى پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئۇ يەنە، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر