سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ 33 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى
سومالى ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ 33 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
2074370
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خرادخېرې رايونىنىڭ كومىسسارى مۇھەممەد يۈسۈف مۇدۇگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سومالى ئارمىيەسىنىڭ رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ 33 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.
سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قاتتىق زەربە بېرىپ، رايوننى كونتىرول ئاستىغا ئالغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ قورال – ياراغلىرى ۋە ھەربىي ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.