ترامپ: قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلانسام مېكسىكا چېگراسىنى تاقايمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلانسا، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2073862
ترامپ: قايتا پىرېزىدېنتلىققا سايلانسام مېكسىكا چېگراسىنى تاقايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان «‹ Politico› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ «فوكس نىيۇس» (Fox News) قانىلىنىڭ خەۋەر ئانالىزچىسى سېئان خاننىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ترامپ سۆھبەت داۋامىدا، سېئان خاننىتىنىڭ، «ئەگەر ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانسىڭىز، رەقىبلىرىڭىزگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىسىز، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالامسىز ياكى ئالمامسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنىلا <مۇستەبىت> رولىنى ئويناپ، ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىنى تاقاپ، بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن، ئەمما مەن مۇستەبىت ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 2024-يىلدىكى سايلامدا «روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىق مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن» نامزات بولالمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر