رۇسىيە پەلەستىنلىك كۆچمەنلەرنى داغىستاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

رۇسىيە پەلەستىنلىك كۆچمەنلەرنى داغىستاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.

2072633
رۇسىيە پەلەستىنلىك كۆچمەنلەرنى داغىستاندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 25 - نويابىردىن تارتىپ غەززەدىن 150 دىن ئارتۇق كۆچمەن داغىستان جۇمھۇرىيىتىگە تارقاقلاشتۇرۇلدى.

داغىستاندا قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ كىشىلەرنى بىر ئارام ئېلىش ئورنىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇردى.

كەلگەنلەرنىڭ 70 تىن كۆپرەكى كىچىك بالا بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئىچىدە دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان ۋە تىلشۇناسلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

داغىستان  پىرېزىدېنتى سېرگېي مېلىكوۋ: «كەلگەن كىشىلەر يېڭى تۇرمۇش بەرپا قىلىشنى خالايدۇ، بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشۇنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ داغىستان مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرى يەھيا بۇچايېۋ رايونغا كەلگەن پەلەستىنلىك كىچىك بالىلارنىڭ گامىيا يېزىسىدا مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

داغىستان نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەززەگە 30 توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر