بايدىن ھۆكۈمىتى كونگرەدىن قوشۇمچە خامچوت تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كونگرەدىن رۇسىيەنىڭ ئىشغالىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ياردەم ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن قوشۇمچە خامچوت تەلەپ قىلدى.

2072407
بايدىن ھۆكۈمىتى كونگرەدىن قوشۇمچە خامچوت تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ۋە خامچوت ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى شالاندا ياڭ ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىغا ئايرىم-ئايرىم مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىۋاتقان ياردەملەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مەكتۇبىدا: «ئۇكرائىنانى قوللىغىدەك پۇلىمىز قالمىدى» دېدى ۋە كونگرەنىڭ ياردەم ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان خامچوتنى تەستىقلىشىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ۋە باشقا ياردەملەرنى ئەۋەتش ئۈچۈن ئاجراتقان فوندنىڭ مۇشۇ يىل (2023) ئاخىرىغىچە تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ، «ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆكتەبىر (2023) دە ئۇكرائىنا ۋە ئىسىرائىلىيەگە ياردەم قىلىشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 105 مىليارد دوللار قوشۇمچە خامچوت تەلەپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان ئىدى.

پۇتىن كيېۋنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ھەمدە ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر