ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەتە (29-نويابىر) يۇقىرى سەۋىيەدە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2070034
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن مىنىستىر ۋاڭ يىنىڭ «ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى» مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەتە ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە، غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنى يەڭگىللىتىش، ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، تېگىشلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، مۇرەسسەنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا ۋە بالايىئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر، غەززە ۋەزىيىتىن ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىدۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تىنچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15-نويابىر (2023) قوبۇل قىلغان 2712-نومۇرلۇق قارارىدا، «ئۇرۇشنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىش ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش» نى چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر