جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى قايتىدىن باشلايدۇ

جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن 2019-يىلدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلمىگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

2069273
جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى قايتىدىن باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات يېقىندا ئۇچرىشىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان تەييارلىقلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاركجىن: «رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. باشلىقلار يىغىنىنى 2024-يىلنىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ كورېيە يېرىم ئارىلى مۇقىملىقىنىڭ «رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى ۋە پىيوڭياڭنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ «رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ شىمالىي كورېيەگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك ئالاقىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يىغىندا، ئۈچ دۆلەت مىنىستىرلىرى رايون تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناش؛ ئىقتىساد، سودا ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە، مىنىستىرلارنىڭ ئۈچ تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن باشقا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغالىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر