مېكسىكادا بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ توققۇز كىشى قازا قىلدى

مېكسىكانىڭ ئوكساكا ئىشتاتىدا بىر ئاپتوموبىلغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى قازا قىلىپ، تۆت كىشى يارىلاندى.

2068866
مېكسىكادا بىر ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ توققۇز كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر ئوكساكا ئىشتاتىغا قاراشلىق گۇئادالۇپې شەھىرىدە يولدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا توققۇز كىشى نەق مەيداندا قازا قىلىپ، بىر ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي  تۆت كىشى يارىلانغان.

رايونغا نۇرغۇن ساندا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەۋەتىلگەن ۋە يارىلانغانلار بالنېستقا ئېلىنغان.

ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە «قارا گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇشى بولۇشى مۇمكىن»  دەپ قارالماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر