زاخاروۋا: ئەرمېنىيە قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا دۆڭگەشكە ئۇرۇنماقتا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئەرمېنىيەنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى باياناتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

2068072
زاخاروۋا: ئەرمېنىيە قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا دۆڭگەشكە ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئەرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا يۈكلەشكە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زاخاروۋا: «رۇسىيە تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىغاچقا، ئەرمېنىيەنىڭ باشقا تاللاشلارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەر، مېنىڭچە، مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ جىنايىتىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس... مەن ئەرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ تاشقى سىياسەت لىنىيەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى بايانلىرىنى لىنىيەسىنى بۇراشتىن باشقا نەرسە بىلەن چۈشەندۈرەلمەيمەن. بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى باياناتلارنى ئاڭلاش بىلەنلا قالماي، ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زاخاروۋانىڭ قارىشىچە، ئەرمېنىيە ئەمەلدارلىرى بۇ خىل باياناتلىرى ئارقىلىق «ھەقىقىي مۇددىئاسىنى يوشۇرۇشقا» ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئىكەن.

زاخاروۋا يەنە، ئەرىۋاننىڭ بۇ سىياسەتنى غەربنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان 23-نويابىر مىنسىكتا ئۆتكۈزۈلىدىغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، قاراباغ ۋەقەسىنىڭ ئەرىۋاننى بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر