ئامېرىكا- كانادا چېگرا ئېغىزىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، تۆت چېگرا ئېغىزى تاقالدى

ئامېرىكا بىلەن كانادانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكتە بىر ئاپتووموبىل پارتلاپ، چېگرا ئېغىزى تاقالدى.

2067821
ئامېرىكا- كانادا چېگرا ئېغىزىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، تۆت چېگرا ئېغىزى تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بايانات ئېلان قىلىپ، نىئاگارا دەرياسىنىڭ ئۈستىدىكى ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە پارتلاش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چېگرا ئېغىزىدىكى مەسئۇللار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىل پارتلىغاندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە، كانادانىڭ ئونتارىيو ئۆلكىسى بىلەن ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئئىشتاتىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان باشقا ئۈچ دانە ئۆتۈش ئېغىزىنىڭمۇ تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرلەنگەن سۈرەت ۋە سىنلاردا، بىر بىخەتەرلىك پونكىتىنىڭ ئوت ئىچىدە قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر