شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن «جىددىيچىلىكنى ئازايتىش» كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

شىمالىي كورېيە 2018-يىلى 19-سېنتەبىردە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىمزالانغان ھەربىي جىددىيچىلىكنى ئازايتىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2067918
شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن «جىددىيچىلىكنى ئازايتىش» كېلىشىمىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى —KCNA، شىمالىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىمزالانغان ھەربىي جىددىيچىلىكنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، باياناتتا، «جەنۇب»نىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا كېلىشىمنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىنى «ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كېلىشىمنىڭ «كېرەكسىز قەغەز پارچىسىدىن پەرقسىز» ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن خاتىمە بېرىلگەن بارلىق ھەربىي تەدبىرلەرنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باياناتتا يەنە، شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر كېلىشىمگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي چېگرا لىنىيەسىگە تېخىمۇ كۈچلۈك قوراللىق كۈچلەر ۋە يېڭى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر