جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ئەسكەر ئۆلدى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلدى.

2067947
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP)نىڭ ھىندىستان ھەربىي مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئەتىگەن راجۇرى رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىقتا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككىسى يۈز بېشى بولۇپ، جەمئىي تۆت نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن.

«ئىدىئان ئېكسپرېس» گېزىتى، توقۇنۇشتا بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، رايونغا زاپاس قىسىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

17-نويابىر ھىندىستان ئارمىيەسىنڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ قۇلگام رايونىدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بەش قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر