گوللاندىيەدىكى سايلامدا تۈرك قىزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە ئۈچىنچى بولدى

گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا، جەزملەشمىگەن نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، گېرت ۋىلدېرس رەھبەرلىكىدىكى رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسى (PVV) چوڭ پەرق بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

2067889
گوللاندىيەدىكى سايلامدا تۈرك قىزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە ئۈچىنچى بولدى
hollanda secim.jpg
hollanda secim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە تۈنۈگۈن (22-نويابىر) كەچتە ئەنقەرە ۋاقتى 23.00 تە ئاخىرلاشقان ئاۋاز تاشلاشتا، دەسلەپكى نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسى 150 كىشىلىك پارلامېنتتا 35 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچى رەتتە تۇرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمەنس رەھبەرلىكىدە سايلامغا ئىتتىپاق بىلەن قاتناشقان ئشىچى پارتىيەسى (PvdA) ۋە يېشىل سول (Groen Links) پارتىيەسى 25 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ ئىككىنچى رەتتە تۇرغان.

ئىلگىرىكى سايلامغا سېلىشتۇرۇلغاندا، پارلامېنتتا 10 ئورۇننى قولدىن چىقىرىپ قويغان دىلان يېشىلگۆز-زېگېرىيۇس رەھبەرلىكىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن خەلق پارتىيەسى (VVD) 24 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈچىنچى رەتتە تۇرغان.

ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بولغان دەنك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سانى ئۈچ بولدى. ئىلگىرىكى سايلاملارغا سېلىشتۇرۇلغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

گوللاندىيە قانۇنى بويىچە، بىر پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللىيەلىشى ئۈچۈن پارلامېنتتا 76 ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ.

رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى گېرت ۋىلدېرس: «دۆلەتنى بىز باشقۇرىمىز. سايلام ئاخىرلاشتى، خەلق قارارىنى بەردى. ئەمدى بىر-بىرىمىزنىڭ ئوخشاشلىقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ۋە بىرلىكتە تىرىشىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز ھېچقانداق پارتىيە نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغان 35 ئورۇنغا ئىگە بولدى. بىز كۆپ زېرىكتۇق. گوللاندىيەنىڭ قايتىدىن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈشىنى خالايمىز، بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ نوس (NOS) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلگىرىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئىگە گەپ-سۆزلىرىنى بىر ئاز يۇمشىتىشقا تىرىشقان ھالدا، ئېتنىك يىلتىزى ۋە دىنىي ئېتىقادى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە كىشىنىڭ باش مىنىستىر بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ئۈمىدۋار. ھەر قايسى پارتىيەلرنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمەتنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. جامەلەر، قۇرئان ۋە ئىسلام مەكتەپلىرى توغرىسىدا گەپ قىلمايمىز. گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئۈمىدى بولغان، <ئەھمىيەت بېرىدىغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش> ئۈستىدە سۆزلىشىمىز .»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر