گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى شىمالىي كورېيەنىڭ جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى توشۇيدىغان راكېتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2067846
گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى شىمالىي كورېيەنىڭ جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ «ماللىگيوڭ -1» ناملىق جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى توشۇيدىغان راكېتا قويۇپ بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىلغان ھەر قانداق راكىتا قويۇپ بېرىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىندى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال دۆلىتى بولۇش سالاھىيىتىگە «مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئوربىتاغا بىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى تۇشۇيدىغان راكېتا قويۇپ بېرىشى كۈچلۈك ئەيىبلەندى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلاشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باياناتتا، «يادرو ياكى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى يوللاش مۇمكىنچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلۈپ، «شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىشى» مۇ قاتتىق ئەيىبلەندى.

شىمالىي كورېيە مەسئۇلىرى سەيشەنبە كۈنى (21-نويابىر) «ماللىگيوڭ -1» ناملىق جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر