ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەدىكى ھاماس ھەرىكىتى بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2067291
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئىچكى كابېنىتىنىڭ باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدە يىغىن چاقىرىپ، ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «قارار ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 50 ئەسىرنىڭ تۆت كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشى ۋە بۇ مەزگىلدە ئۇرۇشنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە «ھەر 10 ئەسىرقويۇپ بېرىلسە، ئۇرۇشنىڭ قوشۇمچە بىر كۈن توختىتىلىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى قەسسام بىرىگادىسىنىڭ قولىدا 239 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار ۋە مىسىر مۇرەسسە قىلغان ئۇزۇن سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، كېلىشىمگە ئاساسەن، «50 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 150 پەلەستىنلىكنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى،  ھەر ئىككى تەرەپ قويۇپ بېرىدىغان ئەسىرلەرنىڭ 19 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۆت كۈن داۋام قىلىدىغانلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىياللىرى ۋە يېقىلغۇ قاچىلانغان يۈزلەرچە يۈك ماشىنىسىنىڭ غەززەگە كىرىدىغانلىقى، مەيلى شىمال ياكى جەنۇب بولسۇن، غەززەنىڭ پۈتكۈل رايونلىرىغا يېقىلغۇ ۋە ياردەم ماتېرىياللىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋا قاتنىشىنىڭ كۈن بويىچە؛ شىمالدا بولسا، ھەر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 10.00 دىن 16.00 گىچە (يەرلىك) توختىتىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە تەۋەلىكىدە ھېچكىمنى تۇتقۇن قىلماسلىق ۋە ھېكىمگە ھۇجۇم قىلماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، خەلقنىڭ سالاھۇددىن يولى ئارقىلىق شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قاتار ھۆكۈمىتى، «ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش» كېلىشىمىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر