سېربىيە كىرودىيەلىك بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

سېربىيە كىرودىيەنىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلومات خروژې سناژدېرنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

2067104
سېربىيە كىرودىيەلىك بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغان دىپلومات سناژدېرنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دىپلوماتنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن دۆلەتتىن قوغلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، سناژدېرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە «دىپلوماتىك چەك - چېگرالاردىن ھالقىپ كەتكەنلىكى» ۋە بۇ خىل ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىپلوماتنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى رەت قىلىپ، بۇ خىل قەدەملەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

كىرودىيەنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىداژېت بىسجېۋىچ كىرودىيە تاراتقۇلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا توختىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر