قىزىل دېڭىزدا خۇسىيلار مۇسادىرە قىلغان ئىسرائىلىيە پاراخوتى تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى

ئىران «يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنىڭ ئارقىسىدا ئىران بار» دېگەن قاراشلارنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2066708
قىزىل دېڭىزدا خۇسىيلار مۇسادىرە قىلغان ئىسرائىلىيە پاراخوتى تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنانى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، قىزىل دېڭىزدىكى شېرىكلىرى ئارىسىدا ئىسرئىلىيەلىك بىر شىركەتمۇ بار بولغان يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا ئىرانغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ دۇچ كەلگەن بۇ ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن بۇ خىل سۆز - چۆچەكلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

كەنانى بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئىراننڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «رايوندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى ئىراننىڭ قوماندانلىقىدا ئەمەس، ئىراندىن بۇيرۇق ئالمايدۇ. بۇ گۇرۇپپىلار ئۆز خەلقىگە ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ شۇنداقلا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.

ئەل ھەداد تېلېۋىزىيە قانىلى يەمەننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان خۇسىيلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئەدەن قولتۇقىدا «Galaxy Leader» ناملىق ئىسرائىلىيە يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر