بايدىن: ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ پات ئارىدا تۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ پات ئارىدا تۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2066836
بايدىن: ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ پات ئارىدا تۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن ئاقسارايدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «تەشەككۈر ئېيتىش بايرىمى» مۇراسىمىدا، غەززەدىكى ئەسىرلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ پات ئارىدا غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈلۈپ-تۈزۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ جاۋابىدىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «بۇ توغرىدا گەپ قىلىشقا تەييار ئەمەسلىكى» نى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا، ھاماس-ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا، پەلەستىنلىك كىچىك بالىلار ۋە ئايال مەھبۇسلار بىلەن ئىسىرائىلىيەلىك ئايال ۋە بالىلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئىسىرائىلىيە ئەمەلدارى، ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ، «ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي دائىرەسى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئەسىرلەرنى گۇرۇپپا شەكلىدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ۋاتسونمۇ تۈنۈگۈن (19-نويابىر) ئېكس (X) ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «تېخى بىر كېلىشىم تۈزۈلمىدى، ئەمما كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىدى.

قاتار باش مىنىستىرى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى 20-نويابىر: «ھاماس بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كىچىك قىيىنچىلىقلار قالدى» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر