سارايېۋۇدا پەلەستىن خەلقىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پۇقرالىرى بىلەن بۇ يەردە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر يەكشەنبە كۈنى سارايېۋۇدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ، پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

2066330
سارايېۋۇدا پەلەستىن خەلقىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى پەلەستىن جامائىتى بىلەن سارايېۋۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىنىڭ غەززەنىڭ ھەممە ياقنى دەرد - ئەلەم قاپلاپ كەتكەن ئەلئەھلى رايونىدىكى دەپنە مۇراسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلدى.

تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەردە، ئۆلۈك ئىنسانلار ۋە ئۈستىدە قان ئىزلىرى بولغان بوۋاقلار ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

پەلەستىن ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان نامايىشچىلار، پەلەستىننى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى ۋە سەھنىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختتىڭلار» دېگەن لوزۇنكىنى ئاستى.

نامايىش جەريانىدا، غەززە رايونىدا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرى يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر