دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدىكى كەلكۈندە 21 كىشى قازا قىلدى

كارىب دېڭىزى دۆلىتى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 21 كىشى قازا قىلدى.

2066225
دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدىكى كەلكۈندە 21 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دومىنىكا جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ باياناتىدا، دۆلەت ئىچىدە 17-نويابىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 21 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بۇلاردىن تۆت نەپىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ئىككى نەپىرىنىڭ ھايتى پۇقراسى ئىكەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت لۇئىس ئابىنادېر ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ 14 ۋىلايىتىدە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە 1583 ئۆي ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. 7 مىڭ 915 كىشى بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئاپەت سەۋەبىدىن نۇرغۇن رايونلاردا ئېلېكتر ئۈزۈلۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر